- زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەرنى غەنىمەت بېلىپ، تائەت-ئىبادەتلەرنى، زىكىر -تەسبىھلەرنى، قۇرئان تىلاۋېتى، تەكبىر، تەھلىل، تەمھىيد، ناماز، سەدىقە، روزا قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك.