- كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى مال بولسا ئاللاھنىڭ مېلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ ماللارنى توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلىش ۋە توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىپ بۇزۇپ-چېچىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئىگە قىلدى، بۇ ھۆكۈم رەھبەرلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە ئومۇمدۇر.
- ئومۇمنىڭ مېلىنى شەرىئەت قانۇنى كۈچلۈك قوغدايدۇ، كىمكى ئومۇمنىڭ مېلىدىن بىر نەرسىگە ئىگە بولىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ توپلىغان ۋە سەرپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
- ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارمۇ ھېساب ئېلىنىدىغان بۇ شەرئىي قانۇننىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.